دېموكراتىيە قېنى - TopicsExpress



          

دېموكراتىيە قېنى سەن؟ 2013-07-29قۇتادغۇبىلىگ دېموكراتىيە قېنى سەن؟ ئەردۇغان قۇتادغۇبىلىك سالونى ئۈندىدار :8 qutad مىسىردا خەلىقنىڭ تاللاش ھوقوقى دەپسەندە قىلىنغاندا ، سۈكۈت قىلىپ جىم ئولتۇرۋالغانلار ، ئەمدى مىللەت ئۆلتۈرۈلىۋاتسىمۇ يەنە سۈكۈت قىلىپ جىم ئولتۇرماقتا . قېنى نەدە ياۋروپا ؟... قېنىنەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ؟!!.. قېنى نەدە ياۋروپا ئەنئەنىلىرى ؟!... ھەرتەرەپتە دېموكراتىيە دەرسى ئۆتۈۋاتقانلار ، قېنى نەدە دېموكراتىيە ؟ !.. قېنى نەدە دېموكراتىيەنىڭ مەدىنىي پىرىنسىپلىرى ؟ ! .. نەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ؟!.. تۈركىيەدە ساقچىلارنىڭ پۈتۈنلەي ئادىلانە ۋە پۈتۈنلەي توغرا شەكىلدە ئىشلەتكەن ، سۇ ۋە ئاچچىق گاز ئۈچۈن ۋارقىراپ-جارقىرغانلار مىسىردىكى ھەربىي ئۆزگۈرۈشتە ، مىسىردىكى قىرغىنچىلىقتا قېنى قەيەردە ؟ !.. گېزىتلەردە ئوچۇق خەتئېلان قىلىپ تۈركىيەگە پەسكەشلەرچە ھاقارەت قىلغانلار ، مىسىردا بىر كېچىدە 200 دىن كۆپ كىشى قىرغىن قىلىندى ، قېنى سىلەر نەدە ؟ ! .. بۇنى نېمىشقا كۆرمەيسىلەر ؟!.. نېمىشقا ھېس قىمايسىلەر ؟!.. ئىستانبولدا كوچىدىكى بۇزۇپ ، چېقىشلارنى نەق مەيداندىن سائەتلەرچە كۆرسەتكەن CNN , BBC ۋە خەلىقئارادىكى باشقا ئاخپارات ئورگانلىرى ، مىسىردا ھەربىي ئۆزگۈرۈش بولدى ، ھازىر قىرغىنچىىق بولىۋاتىدۇ ، بۇنى نېمىشقا كۆرمەيسىلەر ؟!.. نېمىشقا ھېس قىلمايسىلەر ؟!.. بۇنى نېمىشقا سائەتلەرچە پۈتۈن دۇنياغا كۆرسەتمەيسىلەر ؟!.. نېمىشقا كۆرمىگەن بولىۋالسىلەر ؟.. چۈنكى بۇنىڭدا سىلەرگە پايدا – مەنپەئەت يوق . ھەي ئىسلام دۇنياسى ! مىسىردا قېرىنداشلىرىڭلار قىرغىن قىلىنىۋاتىدۇ ! مىسىردا ئادالەت ، ھەققانىيەت ، ۋىجدان ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ ! ئەمما بۇنى سىلەر قاچان ھېس قىلىسىلەر ؟!!.. قاچان كۆرۈسىلەر ؟!.. قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ قېنى ئېقىۋاتىدۇ ، سىلەر بۇ زۇلۇمنى قاچان بايقايسىلەر ؟!.. سۈرىيەدىمۇ بايقىيالمىدىڭلار ! ئۇ يەردە 100 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى ، ئاۋازىڭلار چىقمىدى ! تېخىچە سۈكۈت قىلىۋاتىسىلەر ! قاچانغىچە ، قەيەرگىچە سۈكۈت قىلىسىلەر ؟!... ئەمما شۇنىمۇ ئۇنۇتۇپ قالماڭلار ، ئەتە ئەينى ۋەقە سىلەرنىڭ بېشىڭلارغىمۇ كېلىشى مۇمكىن . مىسىردا ئاققان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ قېنى ، بۇ قىرغىنچىىققا سۈكۈت قىلغانلارنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە چېچراۋاتىدۇ ! بۇ قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلغانلار ، قارشى چىقمىغانلار بۇ ۋەھشىيلىككە شېرىك بولغان بولىدۇ ! بىز بۇ ۋەھشىيلىككە شېرىك بولمايمىز ! بىز تۈركىيە دۆلىتى ، بىز ناھەقچىلىككە بويۇن ئەگمەيمىز !.. ناھەقچىلىككە بويۇن ئېگىپ تىلسىز شەيتانلاردىن بولمايمىز !
Posted on: Tue, 30 Jul 2013 07:53:06 +0000

Trending Topics



Recently Viewed Topics




© 2015